«ھۇررا لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى داۋاملاشماقتا

«ھۇررا لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى داۋاملاشماقتا

17-ئىيۇن «ھۇررا لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى تۇنجى ئايلانمىسىنىڭ داۋامى ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە رايونى سەفاكۆي نىھال تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە A گۇرۇپپىدىكى ئىلى مەشرەپ كوماندىسى بىلەن قەلبداشلار كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئىلى مەشرەپ كوماندىسى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن قەلبداشلار كوماندىسىنى يەڭدى.
ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە B گۇرۇپپىدىكى ئۈمىد كوماندىسى بىلەن توغرۇل كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئالدىنقى مەيداندا توغرۇل كوماندىسى مەيداننى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئارقىمۇ ئارقا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. كېيىنكى مەيداندا ئۈمىد كوماندىسى ھۇجۇم ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئارقا ئارقىدىن 2 توپ كىرگۈزۈپ، 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن توغرۇل كوماندىسىنى يەڭدى.
ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقە تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلدى:
18-ئىيۇن كەچ سائەت 8:00 بۈركۈت كوماندىسى بىلەن ئەينەك كوماندىسى ئارىسىدا كەچ سائەت 7:30 دىيارىم كوماندىسى بىلەن سېلىمپاشا كوماندىسى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
19-ئىيۇن چارشەنبە كەچ سائەت 8:00 دا ئانا يۇرت كوماندىسى بىلەن توغرۇل كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا كەچ سائەت 7:30دا ئۇدۇن كوماندىسى بىلەن قەلبداشلار كوماندىسى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
20-ئىيۇن كەچ سائەت 8:00 دا ئۈمىد كوماندىسى بىلەن ئەينەك كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا، كەچ سائەت 7:30 دا ئىلى مەشرەپ كوماندىسى بىلەن سېلىمپاشا كوماندىىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.

بۇ خەۋەر 1264 قېتىم كۆرۈلدى
18/06/2019 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق