خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا كىم توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ؟

خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا كىم توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ؟

4-ئىيۇن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسىنىڭ ماگىنىسكىي قانۇن لاھىيەسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلۋاتقان ئىككى شەخس بار ئىكەن.
ئۇلارنىڭ بىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى مىچ مىكونېل(Mitch Mcconell) بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى جاۋ شياۋلەن ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن قويۇق ئىقتىسادىي ئالاقە ئورنىتىپ كەلگەن. ئۇ ھازىر ئامېرىكىدا قاتناش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.
يەنە بىرى دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن جوئى بىدىن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىكەن. ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بولغان، شۇنداقلا 2020-يىللىق پىرېزىدېنت نامزاتى ئىكەن. ئۇنىڭ ئوغلى خونتىر بىدىن بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن قويۇق ئىقتىسادىي ئالاقە ئورناتقان. شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا ئورنىتىلغان كۆزىتىش كامېراسى ۋە تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى مۇشۇ شەخسنىڭ قولىدىن چىقىدىكەن. ئۇ بۇ سودا ئارقىلىق خىتايدىن نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشكەن.

 

بۇ خەۋەر 10970 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2019 20:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق