ئامېرىكا خىتاينىڭ يەنە 37 ئورگىنىنى جازا تىزىملىكىگە قوشتى

ئامېرىكا خىتاينىڭ 37 شىركەت ۋە ئورگىنىنى سودا جازا تىزىملىكىگە قوشۇشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھاۋا شارى، كىۋانت تېخنىكىسى، يادرو تەتقىقاتى تۈرىگە ئالاقىدار بولغان ۋە رۇسىيەگە ياردەم بەرگەن ئورگانلار بار ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا 9-ماي سودا قارا تىزىملىكىگە 37 خىتاي ئورگىنى ۋە شىركەتلىرىنى قوشقان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم شىركەتلەر ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن خىتاينىڭ گۇمانلىق جاسۇسلۇق ھاۋا شارىغا چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلەنگەن شىركەتلەر ئىكەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى يەنە قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىۋانت تېخنىكا ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى سىناق قىلغان شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى باياناتىدا بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ماھىيەتلىك ھالدا ھەربىي ئىشلارغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىسىز ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى ۋە تېخنىكىسىنى سېتىۋېلىشى چەكلىنىدىكەن. بۇ قېتىم خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھاۋا شارى تۈرىگە چېتىلىش سەۋەبىدىن قارا تىزىملىككە قوشۇلغان شىركەتلەردىن باشقا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بۇلتۇر 2-ئايدىمۇ ئالتە خىتاي شىركىتىنى جاسۇسلۇق شارى ۋەقەسى سەۋەبىدىن سودا جازا تىزىملىكىگە قوشقانىدى.

ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھاۋا شارى ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا ئىشتاتىدىن جەنۇبىي كارولىناغا قاراپ بىر نەچچە كۈن ئۇچۇپ، نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسى ئاخىر ئۇنى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن جايدا ئېتىپ چۈشۈرگەنىدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى يەنە بۇ قېتىم نىشان قىلىنغان بىر قىسىم شىركەت، ئورگانلارنىڭ 2022-يىلى رۇسىيە ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ يادرو پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈش ياكى كونترول قىلىنغان بۇيۇملارنى رۇسىيەگە توشۇشقا قاتنىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ئالان ئېستېۋېز بۇ ھەقتە توختىلىپ: «جازا تىزىملىكىدىكى بۇ قېتىملىق يېڭىلاش دۇچ كەلگەن خىرىسنى ھەل قىلىشتىكى ھالقىلىق بىر قەدەم» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1609 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2024 14:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق