خىتاي تارىخى مۇتەخەسسىسى: يۇقىرى بېسىملىق باشقۇرۇش خىتاينى ۋەيران قىلىدۇ

خىتاي تارىخى مۇتەخەسسىسى: يۇقىرى بېسىملىق باشقۇرۇش خىتاينى ۋەيران قىلىدۇ

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەركىزىي كومىتېت 4-ئومۇمىي يىغىنى 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلغان بولۇپ، دۆلەتنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش باش تېما قىلىنغان.
خىتاي تارىخى مۇتەخەسسىسى جاڭ لىفەن بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ قېتىملىق يىغىندا «باشقۇرۇش» دېگەن سۆزنى بەكرەك تەكىتلەنگەنلىكىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆز كېلەچىكىدىن ئەنسىرەپ قالغانلىقىنى، شۇڭا يۇقىرى بېسىملىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئىچىدىكى نارازىلىق ۋە قالايمىقانچىلىقلارغا قارشى ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باستۇرۇش سىياسىتىدىن باشقا يولى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى مۇستەبىتلىكى تۈپەيلى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، يۇقىرى تېخنىكىلىق باشقۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق خەلقنى كونترول قىلغان تەقدىردىمۇ، قالايمىقانچىلىق كۆرۈلسە، خىتاينىڭ پۈتۈنلەي ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە نۆۋەتتىكى ھاكىمىيەتنىڭ كومپارتىيەنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1038 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2019 16:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق