خىتاينىڭ ياۋروپاغا تۇتاشقان تۇنجى يۈك پويىزى كېلەر ئايدا تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ

خىتاينىڭ ياۋروپاغا تۇتاشقان تۇنجى يۈك پويىزى كېلەر ئايدا تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ

تۈركىيە سەھەر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان تۇنجى يۈك پويىزىنىڭ 5-نويابىردا تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدىغانلىقى پىلانلانغان.
خىتاينىڭ مەزكۇر تۆمۈر يول تىرانسپورت لىنىيەسى تۈركىيەنىڭ مارماراي تۆمۈر يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، خىتاي خەلقئارا رادىيوسى بۇ لىنىيەدىكى تۇنجى يۈك پويىزىنىڭ 5-نويابىر تۈركىيەگە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە يەنە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۆمۈر يول ئالاقىسى توغرىسىدىكى كېلىشىملەر قازاقىستان تۆمۈر يول مىنىستىرلىكى ئەۋەتكەن ھەيئەتنىڭ تۈركىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا بىرلىككە كېلىنگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۈچىيىۋاتقان تۆمۈر يول تىرانسپورتى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىق ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈلگەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ تۈركىيەدىن ئۆتىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەسى ھەققىدە بىرلىك ھاسىل قىلىنغان.
نۆۋەتتە خىتايدىن تۈركىيەگە كېلىدىغان تۇنجى يۈك پويىزى ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالاقىدار تەييارلىقلار باشلىنىپ بولغان.

بۇ خەۋەر 588 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2019 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق