خۇاۋېي شىركىتى خەلقئارادا سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا

خۇاۋېي شىركىتى خەلقئارادا سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تاللاش سودىدىن ھالقىپ، سىياسىي ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىگە ئايلانغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋىيېتنامنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇچۇر-ئالاقە شىركىتى بولغان ۋىيېتنام تېلېگرافى (Viettel Group) 5G تورى تېخنىكىسى ئۈچۈن خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنى ئەمەس، بەلكى ئېرىكسون ۋە نوكىيا شىركىتىنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئالاقىدار خادىملار بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى سەۋەبلىك خۇاۋېينىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغانلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن ئەنسىرەپ، خىتاينىڭ تېخنىكىسىنى ئەمەس، ياۋروپا شىركەتلىرىنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ۋىيېتنامنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەر ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن. شۇڭا ۋېىيېتنام ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىنى ئاسانراق قوبۇل قىلغان بولۇپ، خۇاۋېي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى رەت قىلغان. ئەمما تايلاند، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خۇاۋېي شىركىتىگە ئىشىكىنى كەڭ ئېچىۋەتكەن. نۆۋەتتە خۇاۋېي شىركىتىنى تاللاش-تاللىماسلىق سودا قارارى ئەمەس، بەلكى رايون سىياسىتى مەسىلىسىگە ئايلانغان.

بۇ خەۋەر 694 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2019 10:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق