ئەردوغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى راستىنلا ئۆزگەرتتىمۇ؟

ئەردوغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى راستىنلا ئۆزگەرتتىمۇ؟

تۆنۈگۈندىن بۇيان ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن نەقىل قىلىپ بېرىلگەن خەۋەرلەردە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەب تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئىلگىرىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، «شەرقىي تۈركسىتان خەلقى بەخىت ئىچىدە ياشىماقتا» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا ۋە ھەرخىل ئىنكاسلارغا سەۋەب بولماقتا.

خىتاي ئاخباراتلىرى بەس - بەستە ئەردوغاننىڭ خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتنى قوللىغانلىقىنى كۆپتۈرۈپ بېرىشكە تىرىشماقتا ۋە كۆپىنچە ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ خىتاي خەۋەرلىرىنى نەقىل ئېلىپ بەرمەكتە.

 ھالبۇكى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە خىتاي ئاخباراتلىرىدا يەر ئالغان سۆزلەرنىڭ ھېچبىرى تىلغا ئېلىنمىدى.

 رەسمىي تور بەتتە يەر ئالغان خەۋەردە مۇنۇلار تىلغا ئېلىندى:

ئەردوغان ھەيئەتلەرئارا ئۇچرىشىش باشلىنىشتىن ئىلگىرى قىسقىغىنا سۆز قىلىپ، ئۆزى ۋە ھەيئىتىگە ئىزھار قىلىنغان مېھماندوستلۇق ئۈچۈن شى جىنپىڭ ۋە خىتاي خەلقىگە رەھمەت ئېيتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن پات – پات كۆرۈشۈپ مەسلىھەتلىشىپ تۇرغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان، تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى بارلىق ساھەلەر بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك قاراشنى چۆرىدىگەن ھالدا كۈچەيتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

مىڭلارچە يىللىق مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە، يىپەك يولى ئارقىلىق بىر – بىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرغان قەدىمىي مەدەنىيەتلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان تۈركىيە – خىتاي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «بىر خىتاي سىياسىتى تۈركىيەگە نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىم دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى رايون ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقىغىمۇ كۈچلۈك شۇنداقلا پەرقلىق ھەسسە قوشىدۇ» دېدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭمۇ بۇ زىيارەت ئارقىلىق مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئۆزئارا ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ب د ت  ۋە خەلقئارا قانۇننى مەركەز قىلغان خەلقئارا تۈزۈمنى قۇرۇپ چىقىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ۋە دۇنياۋى ئادالەتنى بىرلىكتە ھىمايە قىلىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئەردوغان بىلەن ئورتاق مەنپەئەت ۋە قايغۇلار، ئىككى دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئارقىدىن ئەردوغان شى جىنپىڭ تەرىپىدىن شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتكە قاتناشتى.

ھەيئەتلەرئارا ئۇچرىشىش ۋە زىياپەتكە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك، سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇخسار پەكجان، قاتناش ۋە ئۇل - ئەسلىھە ئىشلىرى مىنىستىرى جاھىت تۇرھان، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى خاقان فىدان، مۇداپىئە سانائىتى ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن قاتارلىقلار قاتناشتى.

دېگەن مەزمۇنلارغا يەر بېرىلدى.

مەنبە:https://www.tccb.gov.tr/haberler/410/106910/cumhurbaskani-erdogan-cin-buyuk-halk-meclisi-nde-resm-torenle-karsilandi

 

بۇ خەۋەر 978 قېتىم كۆرۈلدى
03/07/2019 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق