ئەردوغان خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ

         ئەردوغان خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ

ئىستانبۇل بىلگە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى پىروفېسسور دوكتور ئىلتەر تۇران پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدىن كېيىن خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇھىم كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
ئىلتەر تۇران بۇ ھەقتە توختىلىپ: «20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولىدۇ. رەھبەرلەر يىغىندىن كېيىن يەنە غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە: «پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ يىغىندىن كېيىن خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى بولسا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن پەۋقۇلئاددە مۇھىم. ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىدە خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ، بىر يول› لايىھەسى ۋە ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسى قاتارلىق ئىنتايىن نازۇك نۇقتىلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 1415 قېتىم كۆرۈلدى
28/06/2019 14:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق