مۇتەخەسسىسلەر: ھىندونېزىيەدىكى خىتايغا قارشى كەيپىيات بىر بەلباغ بىر يول پىلانىغا خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ

 

ئامېرىكا ئاۋازى تورىدا تۈنۈگۈن «ھىندونېزىيەدىكى خىتايغا قارشى كەيپىيات ۋە بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ماۋزۇلۇق تەقرىز ئېلان قىلىنغان. تەقرىزدە ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ تارىختىن بېرى شەكىللەنگەن خىتايغا قارشى كەيپىياتىنىڭ بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا خىرىس ئېلىپ كېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى تەكىتلەنگەن.
شىياڭگاڭ شۇرېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن پىروفېسسورى شۈ ياۋفېڭ يېقىندا ئېلان قىلغان مۇشۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە خىتاي بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ مەدەنىيەت پەرقىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا سودا ھەمكارلىقى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ياخشى تەتقىق قىلىش كېرەكلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان.
ھىندونېزىيەنىڭ نوپۇسى 270مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى ئىچىدە خىتايلار ٪3نىلا ئىگىلىسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن ئىقتىسادنى قولىغا كىرگۈزۋالغان. تارىختىن بۇيان خىتايلارغا قارشى ۋەقەلەر كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن. بۇنىڭدىن سىرت 60-يىللاردا ھىندونوزىيەدە يۈزبەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىش 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشغا سەۋەب بولغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ھىندونېزىيە كوممۇنىسىتىك پارتىيەسىنى خىتاي قوللاپ بەرگەن. بۇ پاجىئەنى ھىندونېزىيە خەلقى ھازىرغىچە ئۇنتۇمىغان.
خىتاي ھىندونېزىيەنىڭ 28 تۈرلۈك ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا مەنلەغ سالىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى يۈز مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. ئەمما خىتاينىڭ «ئاز پايدا ئېلىش» توزىقىغا قارىتا قارشىلىق سادالىرى ھازىرچە ئۈزۈلمىگەن.

بۇ خەۋەر 604 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2019 16:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق