ئۆلىمالار بىرلىكى تەشكىلاتلارنى دىنىي ۋە مىللىي سەزگۈرلۈك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇھاجىرەتتە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلارنى دىنىي ۋە مىللىي سەزگۈرلۈك نۇقتىسىدىن ئاگاھلاندۇردى.

باياناتتا ئالدى بىلەن خىتاي ئىشغالىيىتى تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا سانسىزلىغان ئالىم-ئۆلىما، زىيالىي ۋە مۇجاھىدلارنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەنلىكى، شۇنداقتىمۇ مۇستەقىللىق يولىدا خەلقنى سۆيۈندۈرگۈدەك ۋەزىيەت مەيدانغا كەلمىگەنلىكى، خىتاينىڭ يېقىنقى ئون يىل مابەينىدە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە ئۆتكەنلىكى، شۇنىڭغا ماس ھالدا مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلار ۋە خەلقنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ: «قەدىرلىك تەشكىلات رەھبەرلىرى، تەشكىلات مەنسۇپلىرى ۋە دەۋا يولىدىكى سەپداشلار! ھەممىمىز ـ ئەلھەمدۇلىللاھ ـ مۇسۇلمان. بىزلەرنىڭ ئىسلام بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن گۈزەل ئەخلاق ۋە ئەنئەنىلىرىمىز بار. بىر ئۆيدە مۇسىبەت بولسا ئۆي ئەھلى، ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن بىرلىكتە قولۇم-قوشنىلار ۋە يۇرت-مەھەللىدىكىلەرمۇ ھازا تۇتۇشۇپ بېرىدۇ، گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش-تۇرۇشلىرىغا دىققەت قىلىدۇ، مۇسىبەت ئىگىلىرىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان قىلىقلاردىن ساقلىنىدۇ، ھەتتا توي-مەرىكىلىرىنىمۇ كېچىكتۈرىدۇ، قىلغان تەقدىردىمۇ ئەدەپ-ئەخلاققا رىئايە قىلىدۇ، ھەتتا ھازىدارنىڭ قوشنىلىرى كۈلكە-چاقچاقلىرىنىمۇ تۆۋەن ئاۋازدا قىلىدۇ.

دەۋا يولى مۇشەققەتلىك، ئۇزۇن مۇساپىلىق، ئەمما ئاخىرەتتىكى مۇكاپاتى كاتتا، ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك بىر يول. بىز بۇ يولدا خىزمەت قىلغىنىمىزدا دىنىي ئەدەپ-قائىدىلىرىمىزگە، مىللىي ئەنئەنە ۋە ئادەتلىرىمىزگە رىئايە ۋە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئېلىپ بارايلى. پائالىيەتلىرىمىزنى ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا دىققەت قىلغان ئاساستا قىلايلى. چۈنكى دىنىي ۋە مىللىي قىزىل سىزىقلار بىزلەرنى بىرلەشتۈرىدىغان ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزنى ساقلايدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۆز خەلقىمىزنىڭ ۋەتەن دەۋاسىغا بولغان ئۈمىدىنى سۇسلاشتۇرىدىغان، بىزلەرگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويۇشىغا سەۋەب بولىدىغان، تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەتلەرگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان تۈرلۈك گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلەردىن ئۇزاق تۇرايلى، بىزلەرگە ھېسداشلىق قىلىۋاتقان باشقا مىللەتلەرنىڭ ۋەتەن دەۋايىمىزدىكى سەمىمىيىتىمىزگە شۈبھە بىلەن قارايدىغان بىر ۋەزىيەتنى يارىتىپ قويۇشتىن ئۇزاق تۇرايلى.

ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلەيمىزكى، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىق يولىدا تۆلەنگەن نۇرغۇنلىغان بەدەللەرنى ۋە ئازغىنە بولسىمۇ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ئۆزىمىزنىڭ شەخسىيىتى، نەپسى خاھىشىمىز ۋە ھاۋايى ھەۋەسلىرىمىزنىڭ قۇربانى قىلىۋېتىشتىن ساقلىنايلى» دېگەنلەر بايان قىلىندى.

بۇ خەۋەر 2083 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2024 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق