خىتاينىڭ كامبودژادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا

خىتاي كامبودژانى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يەنە ئىككى ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا خىتاينىڭ كامبودژادىكى مەڭگۈلۈك ھەربىي مەۋجۇتلۇقىدىن ئەندىشە قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 9-ماي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «چى جىگۇاڭ» ۋە «جىڭگاڭشەن» ناملىق پاراخوتلىرىنى 5-ئاينىڭ بېشىدىن 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە كامبودژا ۋە شەرقىي تىمورنى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتكەن. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ كامبودژادىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا بولغان ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ مەشىق پاراخوتى چى جىگۇاڭ ۋە چوڭ تىپتىكى ئاممىباب ئۇرۇش پاراخوتى جىڭگاڭشەننى ئىككى دۆلەتكە ئەۋەتىپ، زىيارەتتە بولغان دۆلەتنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ ۋە بىرلىكتە مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزئارا ئىشەنچىنى كۈچەيتىدۇ.» دېيىلگەن. ئەمما خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ كامبودژا ۋە شەرقىي تىمورنىڭ قايسى جايىدا توختىتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇرۇش پاراخوتى «جىڭگاڭشەن»نىڭ تىك ئۇچار، بىرونېۋىك ماشىنا، پاراخوت ۋە قىرغاققا چىقىش پاراخوتى شۇنداقلا 1000 غا يېقىن ئەسكەر توشۇش ئىقتىدارى بار ئىكەن. «چى جىگۇاڭ» ناملىق پاراخوت كىچىكرەك بولسىمۇ، يەنىلا خىتاينىڭ تېخنىكىلىق ئىلغار ھەربىي مەشىق پاراخوتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ كامبودژاغا قىلغان زىيارىتى ئامېرىكىنىڭ كامبودژادىكى رېئام دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا خىتاي ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت توختىتىلىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر ئۇزۇندىن بۇيان رېئام دېڭىز ئارمىيە بازىسىدىكى خىتاي مەبلەغ سالغان پورتنىڭ تايلاند قولتۇقىدىكى يېڭى دېڭىز ئارمىيەسى قاراۋۇلخانىسى بولۇپ قالغانلىقىدىن ۋە بۇنىڭ يەنە خىتاينىڭ جىددىي ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدىكى قاراۋۇلخانىسىغا ئايلىنىشىدىن ئەندىشە قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1812 قېتىم كۆرۈلدى
11/05/2024 13:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق