خىتاي ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىنغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى بىلەن فىلىپپىن ئارمىيەسى خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 8-ماي مۇخبىرلارنىڭ ئامېرىكا-فىلىپپىن ھەربىي مانېۋىرى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ھەرقانداق ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئۈچىنچى تەرەپكە قارىتىلماسلىقى ياكى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئالاقىدار دۆلەتلەر دېڭىزدىكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئىغۋاگەرچىلىكنى توختىتىشى، قۇتراتقۇلۇق قىلىپ قارشىلىشىشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ۋە فىلىپپىن «مۈرىنى مۈرىگە تىرەش» ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مانېۋىردا مەۋھۇم دۈشمەن ئۇرۇش پاراخوتى بومباردىمان قىلىنغان.

8-ماي ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مانېۋىرغا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى بىلەن فىلىپپىن ئارمىيەسى قاتناشقان. مانېۋىردا راكېتا ۋە زەمبىرەك ئوقى بىلەن دېڭىزدىكى مەۋھۇم دۈشمەن ئۇرۇش پاراخوتى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مانېۋىر ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان «مۈرىنى مۈرىگە تىرەش» بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. مانېۋىر دەل خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئارىسىدا كەسكىن تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدا يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي بۇ مانېۋىرغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1256 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2024 14:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق