خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر پاراخوت قىزىل دېڭىزدا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر ماي پاراخوتى قىزىل دېڭىزدىكى ھۇسىيلار ئاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ 23-مارت خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر ماي پاراخوتىنىڭ ھۇسىي قوراللىق قىسىملىرى قويۇپ بەرگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ پاناما بايرىقى ئېسىلغان، ئەمما خىتاينىڭ ئىگىدارچىلىقى ۋە باشقۇرۇشىدىكى «خۇاڭپۇ» ناملىق پاراخوتقا تۆت تال باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى، شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 04:25 ئەتراپىدا يەنە بەشىنچى بومبىنى ئاتقانلىقى ۋە پاراخوتقا تەگكۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئېيتىشىچە، پاراخوت خەتەرگە ئۇچرىغانلىق سىگنالى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ياردەم تەلەپ قىلمىغان. مەزكۇر پاراخوت يېنىك زەربىگە ئۇچرىغان بولۇپ، پاراخوتقا تۇتاشقان ئوت يېرىم سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۈلگەن. ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالىمۇ كۆرۈلمىگەن بولۇپ، پاراخوت تېزلىكتە ئەسلىگە كەلگەن. باياناتتا يەنە ھۇسىيلارنىڭ ئىلگىرى خىتاي پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى، ئەمما يەنىلا خىتاينىڭ «خۇاڭپۇ» ناملىق پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئارقىدىن قىزىل دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ھۇسىيلارنىڭ ئالتە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بىلەن ئۇرۇشقان. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ بەشى قىزىل دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن، يەنە بىرى ھۇسىيلار كونتروللۇقىدىكى يەمەننىڭ ئىچكى قىسمىغا قاراپ ئۇچۇپ كەتكەن. ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئامېرىكا، بىرلەشمە ئارمىيە ۋە بۇ رايوندىكى سودا پاراخوتلىرىغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 25-مارتتىكى ئاخبارات يىغىنىدا، بىر مۇخبىر ئالدىنقى ھەپتە خىتاي بىلەن ھۇسىيلارنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ھۇسىيلارنىڭ خىتاي پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ۋەقەگە قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە سوئال سورىغان. خىتاي خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خىتاينىڭ پۇقرالار پاراخوتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، خەلقئارا قانۇن بويىچە قىزىل دېڭىز رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سوئالدىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1617 قېتىم كۆرۈلدى
26/03/2024 16:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق