رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتى دىققەت قوزغىماقتا

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئالدىنقى ھەپتە خىتاي سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 17-ماي ئىككى كۈنلۈك خىتاي سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇ زىيارەت جەريانىدا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان «دوستانە مۇناسىۋىتى»نى تەكىتلىگەن.

پۇتىن 17-ماي خىتاينىڭ خاربىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-رۇسىيە كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغاندا ئىككى تەرەپلىك سودىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىنى ماختىغان. ئۇ يەنە مۇداپىئە تەتقىقاتى ۋە خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خاربىن سانائەت ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈشنى تاللىغان.

بۇ جەرياندا پۇتىن شەخسىي ئالاقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، خاربىن سانائەت ئىنستىتۇتى بىلەن ئۇنىڭ ئانا مەكتىپى سانت پېتىربورگ ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1500 ئوقۇغۇچى سىغىدىغان بىرلەشمە مەكتەپ ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇ ھەقتە: «ئىشىنىمەنكى، بۇ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىلىم-پەن، مائارىپ ساھەسى ھەمكارلىقىدىكى بايراقدار مەكتەپكە ئايلىنىدۇ» دېگەن.

پۇتىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شى جىنپىڭ-پۇتىن ئۇچرىشىشىنىڭ ماھىيەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئالدىنقى كۈنى شى جىنپىڭ ۋە باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بېيجىڭدا پۈتۈن بىر كۈننى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ بېيجىڭدىن ئايرىلغاندا شى جىنپىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشقان. گەرچە ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئۇچرىشىشى غەربكە ئورتاق قارشى تۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولسىمۇ، پۇتىن: «خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ھېچكىمگە قارىتىلمايدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ غەربنى ئاگاھلاندۇرۇپ، پەقەت ئۆزلىرى خالىسىلا، غەربكە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىدەك سىگنال بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى بولسا بۇ قېتىملىق رۇسىيە-خىتاي باشلىقلىرى ئۇچرىشىشنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەسلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «گەرچە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئۆزئارا ئىشەنچ تارىخى يوق» دېگەن.

جون كىربىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا ئېلان قىلغان ئىستىخبارات باھالاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رۇسىيەگە ئىستانوك، مىكرو ئېلېكتىرون ۋە باشقا تېخنىكىلارنى سېتىپ بېرىشنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغان. رۇسىيە بۇ تېخنىكىلار ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، تانكا، ئايروپىلان ۋە باشقا قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشتا ئىشلەتكەن.

جون كىربى يەنە: «خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئوخشاشلىقى بولسا خەلقئارا قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان تەرتىپكە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا ئۇرۇنۇش» دەپ تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1242 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2024 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق