خوڭكوڭ خەلقى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا

خوڭكوڭ خەلقى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا

زىمىستان تورىنىڭ 15-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى نەچچە ئايدىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغان خوڭكوڭ پۇقرالىرى تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە ۋە نازارەت قىلىشقا ئۇچرىغان.
خىتاي دائىرىلىرى خوڭكوڭدا تۆت ئايدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئەركىنلىك نامايىشلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن يالغان خەۋەرلەر ئارقىلىق نامايىشنى زوراۋانلىق ھەرىكىتى دەپ تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خوڭكوڭدىن كەلگەن كىشىلەرنى ۋە نەشرىيات بۇيۇملىرىنى قاتتىق كونترول قىلماقتا.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خېنەن ئۆلكىسىدىكى مەلۇم زەنجىرسىمان مېھمانخانا خىزمەتچى خادىملىرىغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، پەقەت خىتاي ئۆلكىسىدە تۇرۇش رۇخسىتى بولغان خوڭكوڭلۇقلارغىلا ياتاق بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ كىشىلەرنى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەكلىكىنى، ساقچىلارنىڭ كېلىپ ئۇلارنى تەكشۈرۈپ، ئەھۋال ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ تۈزۈم بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئالدىنقى ئايدا بېيجىڭ شەھىرى تۇڭجۇ رايونىدىكى مەلۇم ئاھالە كومېتىتى ئۇيغۇرلارغا، تىبەتلەرگە ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا ئۆي ئىجارە بېرىشكە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.
ئۇندىن باشقا خىتاي دائىرىلىرى نامايىشتىن بۇيان تور ئۇچۇرلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپلا قالماي، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەننىڭ ۋەزىيىتى، سىياسىتىگە ئالاقىدار نەشرىيات بۇيۇملىرىغىمۇ چەكلىمە قويغان. 1-ئۆكتەبىر مەزگىلىدە جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم يەرلىك ھۆكۈمەت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مېھمانخانا، پويىز ئىستانسىسى، تېز يوللانما شىركىتى، ساياھەت ئورۇنلىرى قاتارلىق جايلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە باشقا جايلاردا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى بىردەك يىغىۋېلىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان.
بۇلاردىن سىرت نۇرغۇنلىغان دۇكان، سودا سارايلىرى خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنگە ئالاقىسى بولغان ماركىلار ۋە مەھسۇلاتلار سەۋەبلىك بىر قىسىم ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىغان.

 

بۇ خەۋەر 852 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2019 14:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق