خىتاي دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قارشىلىققا ئۇچرىماقتا
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىن كۆرۈشلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، 29- سېنتەبر قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن
قازاقسىتاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلار بىرلىكتە ئالماتا شەھىرىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈكىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى نامايىش قىلغان. نامايىشچى خەلق يەنە، نامايىش ئارقىلىق خىتاينى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىۋاتقان ئىنساننى دەپسەندىىلىكلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان.
29- سېتنەبر يەنە، خوڭكوڭ خەلقى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش قىلغان. نامايىشچى خەلق «خوڭكوڭ خەلقى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر بىلەن بىرگە»دېگەن شۇئارلار يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا قارشى شۇئارلارنى توۋلىغان.
ئۇندىن باشقا يەنە تەيۋەن خەلقىمۇ ئۇيغۇلارنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى قوللاپ نامايىش قىلغان.