ئامېرىكا ئەلچىسى: خىتاي مۇسۇلمانلارغا ۋەھشىيلەرچە زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ

ئامېرىكا ئەلچىسى: خىتاي مۇسۇلمانلارغا ۋەھشىيلەرچە زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ
24-ماي ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئورگان تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىي سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى.
باياناتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ تېرورلۇققا قارشى سىياسەت ئەمەس، بەلكى يىرگىنچلىك باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ نەچچە مىليون كىشىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلاردىن ئۆز مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى تاشلاشنى تەلەپ قىلىپ، شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستاندىكى) مۇسۇلمانلارغا ۋەھشىيلەرچە زۇلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 842 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2019 18:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق