بەلۇجى قوراللىق كۈچلىرى خىتاينىڭ پاكىستاندىكى پىلانلىرىنى يوققا چىقىرىشقا تىرىشماقتا

بەلۇجى قوراللىق كۈچلىرى خىتاينىڭ پاكىستاندىكى پىلانلىرىنى يوققا چىقىرىشقا تىرىشماقتا

دۇنيا سىياسىتى ئوبزورى تورى 20-ماي ئېلان قىلغان دوكلاتتا بەلۇجى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ خىتاينىڭ پاكىستانغا مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىنى توسۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىغا قىسمىدىكى قوراللىق كۈچلەر بۇ يىل 18-ئاپرېل گىۋادار پورتىغا تۇتىشىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، تاغقا كىرىش ئېغىزدا ئالتە ئاپتوبۇسنى توسۇۋالغان. ئۇلار يولۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پاكىستان قوراللىق قىسمىغا تەۋە 14 كىشىنى ئايرىپ چىققان ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغان. ئەتىسى بەلۇجى مۇستەقىللىق كۈچلىرىگە تەۋە ئىتتىپاقداش ئۈچ قوراللىق گۇرۇپپا بۇ ۋەقەگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ كاراچىدىكى ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە خىتاي ئىنژېنېرلار ئولتۇرغان ئاپتوبۇسقا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىمۇ مەزكۇر قوراللىق گۇرۇپپىلار قىلغان بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ پاكىستاندىكى پائالىيەتلىرى توختىمىغىچە، قوراللىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1469 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2019 23:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق