شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسى دۇنيانىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدا جانلانماقتا

شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسى دۇنيانىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدا جانلانماقتا

18-ماي شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى جەمئىيەت زالىدا تۇل ئاياللار ۋە يېتىم بالىلارغا ئىپتارلىق بەردى.

18-ماي يەنە شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى شەمشىنۇر خانىم تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەقفى رەئىسى دوكتور تۇران يازگا ئەپەندىنى ئىشخانىسدا زىيارەت قىلىپ، ۋەقفىنىڭ بۇ يىل ئۆتكۈزگەن 23-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى بالىلار فېستىۋالىدا شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆسمۈرلەرگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇشتۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە تەشەككۈرنامە تەقدىم قىلدى.

18-ماي تۈركىيەنىڭ قەدىمىي شەھىرى بۇرسادا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇرسا ۋىلايىتى «رامىزان مۇبارەك» نامىدا ئىپتار پائالىيتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇرسادا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «يۈسۈپ يۈزلىلەر جەمئىيىتى»، «ئاندا قېرىنداشقا ئەھدى ۋاپا جەمئىيتى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا قارشى يۈرۈش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

18-ماي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئوقۇغۇچىلىرىغا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش جىنايى پاكىتلىرىنى تونۇشتۇردى.

 

رۇسىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن 600 كىشىلىك ئىپتارلىق بېرىلدى

موسكۋادىكى بىر مەسچىتتە «رامىزان كېچىلىكى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، رامىزاننىڭ ھەربىر كۈنىدە بىر مۇسۇلمان مىللەتكە ئاتاپ ئىپتارلىق بەرگەن. 17-ماي بولسا ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ 600 كىشىلىك ئىپتارلىق بەرگەن.

20-ماي گوللاندىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان نوغاي تۈركلىرى ۋقفىنىڭ رەئىسى ئورخان دېمىرجى گوللاندىيەنىڭ دام مەيدانىدا خىتايغا قارشى يالغۇز نامايىش قىلىۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دۇنيا خەلقىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق دەۋاسىنى قوللىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1426 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2019 17:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق