خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى ئامېرىكا پارلامېنتىدا كۆپلەپ تىلغا ئېلىنماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى ئامېرىكا پارلامېنتىدا كۆپلەپ تىلغا ئېلىنماقتا

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى ستېفېن بىگۇن (Stephen Biegun) شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۈچۈن نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ستېفېن 20-نويابىر كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «ئالاقىدار خەۋەرلەرنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي ئامالىم يوق. بۇ خەۋەرلەر خىتاينىڭ بىر مىللەت ۋە بىر ئېتىقاد توپىغا قىلىۋاتقان كىشىنى چۆچۈتكۈدەك قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇلارنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
يىغىن جەريانىدا ئۇنىڭدىن بۇ قىلمىشلارغا مەسئۇل خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ماگنىتىسكى قانۇنىنى ئىجرا قىلىش كېرەكمۇ يوق، دەپ سورالغان بولۇپ، ئۇ بۇ مەسىلىنى ئويلىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يىغىن جەريانىدا بىر قىسىم پالاتا ئەزالىرى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ خىرىس ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ دۇنياغا خوجا بولۇپ، خەلقئارالىق سىستېمىنى ئۆز قىممەت قارىشى ۋە نىشانى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

بۇ خەۋەر 689 قېتىم كۆرۈلدى
22/11/2019 14:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق