خىتاي باش ئەلچىسى: خوڭكوڭدىكى قالايمىقانچىلىقلار قارا تېررورلۇقتۇر

خىتاي باش ئەلچىسى: خوڭكوڭدىكى قالايمىقانچىلىقلار قارا تېررورلۇقتۇر
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭ 18-نويابىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خوكڭوڭ مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
ئۇ سۆزىدە خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى ماقۇللىغانلىقىنى، ئەنگلىيەدە بولسا بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلغۇچى شەخسلەرنى مۇكاپاتلاشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خوڭكوڭدىكى «زوراۋانلار»نى ئاشكارا قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېقىنقى نەچچە كۈن ئىچىدە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، ساقچىلار خوڭكوڭ پەن-تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنى قورشىۋالغاندىن كېيىن، دۈشەنبە ئەتىگەندە مەكتەپ ئىچىگە بۆسۈپ كىرگەن ۋە نامايىشچىلارغا رېزىنكە ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلغان. نامايىشچىلار بولسا بېنزىن بومبىسى قاتارلىق قوراللار بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن.
ۋەقەدىن كېيىن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئىككى تەرەپنى سالماقلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان ۋە خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ تىنچلىق نامايىشلىرىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.
ليۇ شياۋمىڭ بۇلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە نامايىشنى «قارا تېررورلۇق» دەپ سۈپەتلىگەن.

بۇ خەۋەر 601 قېتىم كۆرۈلدى
19/11/2019 16:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق