خىتاي تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق تۇتقۇن قىلماقتا

خىتاي تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن  ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق تۇتقۇن قىلماقتا

خىتاي بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندا يۇقىرى بېسىملىق باشقۇرۇش،  نازارەت قىلىش تۈزۈمى ئارقىلىق خەلقنى بارلىق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئىككى يىلدىن بېرى ھېچقانداق جىنايى ۋەقەلەرنىڭ سادىر بولمىغانلىقىنى دەۋا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش» باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق تۇتقۇن قىلماقتا.

تۈنۈگۈن قاراقاش ناھىيەسى ئۇچۇر تور بېتىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ، جۈرئەت روزى، ئەنۋەر ئابلا قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ۋە ئاممىنى بۇ ھەقتە داۋاملىق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرغان.

ئۇقتۇرۇشتا مەزكۇر جىنايەتچىلەر گۇرۇھىدىن يەتتە كىشىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ قىمارخانا ئېچىش، قويمىچىلىق قىلىش، قاقتى-سوقتى قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

شەرقىي تۈركىستاندا پىچاقلارغىمۇ نومۇر قويۇلغان بىر ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ خىل جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش مۇمكىنچىلىكى گۇمان قوزغىماقتا.

مەنبە:https://news.sina.cn/gn/2019-05-29/detail-ihvhiqay2216543.d.html?from=wap

بۇ خەۋەر 1328 قېتىم كۆرۈلدى
30/05/2019 16:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق