پاكىستاندىكى خىتايغا قارشى كەيپىيات بىر بەلباغ بىر يول پىلانىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

 

 

ب ب س خەۋەر تورىنىڭ خىتايچە بۆلۈمى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتتا يېقىندا پاكىستان ئاخباراتلىرىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان خىتايغا ئالاقىدار ۋەقەلەرنىڭ بىر بەلباغ بىر يول پىلانىغا تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى نەچچە كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن پاكىستاندىكى خىتاي مېھمانخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى نۇقتىلىق ھالدا خىتايغا قارشى پىلانلانغان. گەرچە خىتاي ۋە پاكىستان تاراتقۇلىرى مېھمانخانىدىكى خىتايلارنىڭ ئامان-ئېسەن قالغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ھەرىكەتنى پىلانلىغان بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى قوراللىق ھۇجۇم نەتىجىسدە بىر قىسىم خىتايلارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

مەزكۇر تەشكىلات يەنە ئالدىنقى يىلى يۈز بەرگەن خىتاي ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پىلانلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ سودا قۇرۇلۇشلىرىدىن پاكىستانغا كۆپ مەنپەئەت كەلمەيدىغانلىقىنى، ئاساسلىق مەنپەئەتلەنگۈچىنىڭ يەنىلا خىتاي ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ يەردە قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن.

بۇنىڭدىن سىرت يېقىندا ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ پاكىستانلىق قىزلارنى ئالداپ ئاپىرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى پاھىشخانىلارغا سېتىۋېتىش جىنايەتلىرى خىتاينىڭ پاكىستان خەلقى نەزىرىدىكى ئوبرازىغا قاتتىق تەسىر يەتكۈزگەن.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ بىر قىسىم ۋەقەلەرنىڭ خىتاي-پاكىستان ھەمكارلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ب ب س قانىلى ئوردۇچە بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى رەفقەت ئەلى خىتاي ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ پاكىستان ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كۈچلۈك ھەمكارلىقنى ئالدىراپ تەۋرىتەلمەيدىغانلىقنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 15980 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2019 11:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق