خىتاي بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۈركىلىشى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۆچ ئېلىش تەدبىرى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا، ياۋروپا، ياپونىيە ۋە تەيۋەن قاتارلىق جايلاردا ياسىلىپ، خىتايغا ئىمپورت قىلىنغان پىلاستىك خام ماتېرىيالىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى 19-ماي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە تەيۋەندە ياسىلىپ، خىتايغا ئىمپورت قىلىنغان پولى فورمالدېھىد كوپولىمېرنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا نۇرغۇن كارخانىدىن خىتايدىكى پولى فورمالدېھىد كوپولىمېرنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تەكشۈرۈش ئىلتىماسى تاپشۇرۇۋالغانلىقى، ئىلتىماسقا ئاساسەن ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە تەيۋەندە ياسىلىپ ئىمپورت قىلىنغان پولى فورمالدېھىد كوپولىمېرنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

پولى فورمالدېھىد كوپولىمېر سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان پىلاستىك ماتېرىيالى بولۇپ، مىس، سىنك ، قوغۇشۇن قاتارلىق مېتاللارنىڭ قىسمەن ئورنىنى باسالايدىكەن. مەزكۇر ماتېرىيال ماشىنا زاپچاسلىرى، داۋالاش، تەنتەربىيە ئۈسكۈنىلىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە ئىشلىتىلىدىكەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئىلتىماس سۇنغۇچىلارنىڭ پولى فورمالدېھىد كوپولىمېر مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ يىلدىكى ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %50 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەنلىكى، بۇنىڭ خىتايدىكى كەسىپلەرنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىلتىماستا دېلو تۇرغۇزۇشتا تەلەپ قىلىنغان مەزمۇن ۋە ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە تەيۋەندە ياسىلىپ ئىمپورت قىلىنغان پولى فورمالدېھىد كوپولىمېرنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى دېلو تۇرغۇزۇپ، تەكشۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ 2024-يىل 19-مايدىن ئېتىبارەن باشلىنىدىغانلىقى ۋە 2025-يىلى 19-مايدىن بۇرۇن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى، ئالاھىدە ئەھۋالدا ئالتە ئاي ئۇزارتىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقى پولات-تۆمۈر سانائىتى بىرلەشمىسى خىتاينىڭ بازارنى قالايمىقان قىلىش قىلمىشى ھەققىدە ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، 27 ئەزا دۆلەتنىڭ سودا سىياسىتىنى نازارەت قىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى خىتاينىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىش قىلمىشىغا قارشى تەكشۈرۈشنى باشلىغانىدى.

مەزكۇر ئەرزدە خىتاي ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ خام ئەشيا باھاسىنىڭ بۇرمىلىنىشىدىن مەنپەئەتلەنگەنلىكى تەكىتلەنگەن بولۇپ، ياۋروپادا پولات-تۆمۈر سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىل ئىچىدە تۆتتىن بىر قىسىم ئازلىغانلىقى، ئەمما خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپاغا قىلغان ئىمپورتىنىڭ بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1670 قېتىم كۆرۈلدى
21/05/2024 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق