خەۋەر يەتتە تورىنىڭ 7-ماي بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئامېرىكا ۋە رۇسىيە قاتنىشىدىغان «ئۈچ تەرەپ يادرو قوراللىرى يىغىنى»غا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا مىقياسىدا يادرو قوراللىرىنى چەكلەش مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئۈچ تەرەپ يىغىنىغا خىتاي تەرەپنىڭ قاتناشمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ قولىدىكى يادرو قوراللىرىنىڭ رۇسىيە ۋە ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا ئاز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي باياناتىدا يەنە خىتاي تەرەپنىڭ ھەرۋاقىت يادرو قوراللارنىڭ پۈتۈنلەي چەكلىنىپ يوق قىلىنىشىنى ياقلاپ كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.