خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىمۇ باستۇرۇشقا ئۇچرىماقتا

خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىمۇ باستۇرۇشقا ئۇچرىماقتا

زىمىستان تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلارغىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشىمىغان ھالدا دىنىي ئەركىنلىكى نىسبەتەن چەكلىمىگە ئۇچرىماي ياشاپ كەلگەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگانلارمۇ خىتاينىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشقا باشلىغان.
خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جاۋزو شەھىرىدىكى مەلۇم يېزىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى بولۇپ، بۇلتۇر 7-ئايدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 40تىن ئارتۇق كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ كىشىلەر «ئون-يىگىرمە بۇرۇن باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان» دېگەنگە ئوخشاش ئەخمىقانە باھانىلەر تۇتۇپ كېتىلگەن.
بۇلاردىن سىرت خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسچىتكە بېرىشى، رامىزاندا جامائەت نامىزى ئوقۇشى ئوخشىمىغان دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. خىتايدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى بىر-ئىككى يىل ئىچىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، كېيىنلىكىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان. ئاشكارىلىنىشىچە، بىر خىتاي ئەمەلدارى تۇڭگانلارغا تەھدىت سېلىپ: «ئۇيغۇرلار دەل دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك ئۆزگەرتىش مەركىزىگە ئەۋەتىلدى. ھازىر ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىمۇ يوق. ئەگەر سىلەر بويسۇنمىساڭلار، ئاقىۋىتىڭلار ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 972 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2019 23:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق