ئامېرىكا پالاتاسى ئالىي رەھبىرى: خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشلارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ

ئامېرىكا پالاتاسى ئالىي رەھبىرى: خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشلارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ

تەيۋەن خەلق گېزىتى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئالىي رەھبىرى 12-ئاۋغۇست تىۋىتتېردىكى يازمىسىدا خوڭكوڭ ۋەزىيىتىگە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خوڭكوڭ ۋەزىيىتى بارغانسېرى جىددىيلەشكەن ۋە ساقچىلارنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە مىچ مىكانول: «بېيجىڭ دائىرىلىرى خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغاندا، خوڭكوڭ خەلقى قەيسەرلىك بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشىلىق بىلدۈردى. ھەرقانداق زوراۋانلارچە باستۇرۇش قىلمىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
مىچ مىكانول بۇندىن بۇرۇنمۇ خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، 23-ئىيۇل پالاتا يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ يالغۇز خوڭكوڭلىقلارنىڭلا ئىشى ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ خوڭكوڭلۇقلارغا قىلغان مۇئامىلىسىنىڭ خۇددى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قىلغان مۇئامىلىسىگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى، خىتاي بىلەن سودا مۇئامىلىسىدە بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خوڭكوڭدىكى ۋەقەلەرگە قاراپ بېقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بەزى دوكلاتلاردا خوڭكوڭدىكى نامايىش خوڭكوڭنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كىرىزىسى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خىرىس بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇ خەۋەر 5457 قېتىم كۆرۈلدى
14/08/2019 22:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق