ئارسالان ئىپتىخار: پاكىستان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسدىكى مەيدانى كىشىنى شۈركەندۈرىدۇ

 

تېگى پاكىستانلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئارسالان ئىپتىخار «كۆۋرۈك» ژۇرنىلىدا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن پاكىستان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كەلگەن پاجىئەلەرگە قۇلاق يوپۇرۇۋالغانلىقىنى تەنقىدلەپ ماقالە ئېلان قىلغان.
ماقالىدە ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ مۇقەددەس ئىككى ھەرەم جايلاشقان سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەڭ كۆپ مۇسۇلمان ئولتۇراقلاشقان پاكىستاننىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى سىمۋوللۇق ئسىلام دۆلەتلىرى ئىكەنلىكى، ئىككى دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان ئىسلام دىنىغا قارشى قانۇن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى، نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى جازا لاگېرلىرىدا ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئورنىغا خىتاينى قوللىغانلىقى ھەر قانداق بىر ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 4865 قېتىم كۆرۈلدى
07/03/2019 18:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق