ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ

گاردىيان تورىنىڭ 17-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەرىس پېين (Marise Payne) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەرىس پېين خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا ئالاقىدار 400 بەتلىك ئىچكى ھۆججەتلەر ئاشكارىلغاندىن كېيىن بۇ سۆزلىرىنى قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.
نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى نەچچە كۈن بۇرۇن ئاشكارىلىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا ئالاقىدار 400 بەتلىك ئىچكى ھۆججەت خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، ھەرقايسى تىللاردا كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغان.
مەرىس پېين يەنە خىتاينىڭ ئىككى ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ خىتاي زىيارىتىنى چەكلىگەنلىكى ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەمكارلىقىنىڭ توختىتىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 505 قېتىم كۆرۈلدى
19/11/2019 16:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق