ئانالىزچىلار: سودا ئۇرۇشى ئومۇمىيۈزلۈك پارتلىسا، خىتايدا پۇل پاخاللىقى يۈز بېرىدۇ

ئانالىزچىلار: سودا ئۇرۇشى ئومۇمىيۈزلۈك پارتلىسا، خىتايدا پۇل پاخاللىقى يۈز بېرىدۇ

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ئانالىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش شىركىتى ھېسابلىنىدىغان ئالليانز شىركىتى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئەگەر خىتاي-ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى ئومۇمىيۈزلۈك پارتلىسا، خىتاي پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ يەتتىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئالليانز شىركىتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى باش نازارەتچىسى چېن جىچياڭ مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنى يەتتىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىككە كۈچەۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا قىسقا مۇددەت ئىچىدە بۇنى كونترول قىلالايدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي-ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى ئومۇمىيۈزلۈك پارتلاپ قالسا، خىتاي پۇلىنىڭ قاتتىق بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ يەتتىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى، خىتايدىكى پۇل پاخاللىقىنىڭ باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىمۇ پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئۇ چاغدىكى زىياننىڭ 1998-يىلىدىكى ئاسىيا ئىقتىسادىي كىرىزىسىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە خىتاي پۇلىغا ئىشىنىپ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول پىلانىدىكى مۇھىم كوزۇر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي پۇلىنىڭ پەقەت سودا قورالىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋەت قورالى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇ ئىناۋىتىنى يوقىتىپ قويسا، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تولىمۇ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 15850 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2019 00:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق