خىتاي جازا لاگېرىغا قامالغانلار ئۈچۈن ساختا ئارخىپ تۇرغۇزماقتا

خىتاي جازا لاگېرىغا قامالغانلار ئۈچۈن ساختا ئارخىپ تۇرغۇزماقتا
زىمىستان تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى جازا لاگېرىغا ئالاقىدار جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يالغان ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كەلگەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىشى خەلقئارانىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن بۇ جايلارنىڭ تەربىيەلەش مەركىزى ئىكەنلىكىنى، %90تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئائىلىسىگە قايتقانلىقىنى ئېيتىپ يالغان سۆزلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن جازا لاگېرىدىكىلەرنىڭ يالغان ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالدىماقچى بولغان.
يېقىندا جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ئايال زىمىستان تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جازا لاگېرىدا شاھىت بولغان ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارخىپىنى يوق قىلىۋەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن ساختا ئارخىپ تۇرغۇزغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي خادىملىرى ياسىغان يېڭى ئارخىپتا ئۇنىڭ ئەزەلدىن ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى»گە كىرىپ باقمىغانلىقى، باشتىن ئاخىر ئۆيىدە تۇرۇپ كۆزىتىلگەنلىكى خاتىرىلەنگەن.
خەۋەردە يەنە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەرنى جازا لاگېرىدىن چىقىرىپ، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرگە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ ئولتۇراق رايونى ئىچىدە ئوخشاشلا سىستېمىلىق باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدىكى جازا لاگېرىغا يۆتكەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1099 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2019 23:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق