شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت تۈركىيەدىكى نۇپۇزلۇق جامائەتلەردىن بىرى بولغان ئىسمائىل ئاغا جامائىتىنىڭ چوڭلىرى ۋە ئىسمائىل ئاغا جام

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت تۈركىيەدىكى نۇپۇزلۇق جامائەتلەردىن بىرى بولغان ئىسمائىل ئاغا جامائىتىنىڭ چوڭلىرى ۋە ئىسمائىل ئاغا جامىسىنڭ ئىمامى سالىھ توپچىنى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى ۋە تاشقى ئالاقە مەسئۇلى مەھمۇتجان داموللام ، ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇجات قاتارلىق بىر ھەيئەت تۈركىيەدىكى نۇپۇزلۇق جامائەتلەردىن بىرى بولغان ئىسمائىل ئاغا جامائىتىنىڭ چوڭلىرى ۋە ئىسمائىل ئاغا جامىسىنىڭ ئىمامى سالىھ توپچىنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەت جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاي رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇمىيۈزلۈك ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلىرىنى تەپسىلى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، شەرقى تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيتىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى.
زىيارەت جەريانىدا يەنە، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تۈركىيەدە تېخىمۇ جانلاندۇرۇش، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش قاتالىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ خەۋەر 1765 قېتىم كۆرۈلدى
21/05/2019 20:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق