بايدېن خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجىنى كۆپەيتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن زور بىر تۈركۈم خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا  تاموژنا بېجى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن باشقا، خىتاينى ئالدامچىلىق قىلغانلىق ھەققىدە ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 14-ماي توكلۇق ئاپتوموبىل، كومپيۇتېر ئۆزىكى، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى، ھالقىلىق مىنېرال ماددىلار ۋە داۋالاش مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق بىر قاتار خىتاي ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بايدېن ئاقسارايدا قىلغان سۆزىدە: «ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت رىقابەت ئادىل بولسىلا، ئامېرىكىلىق ئىشچىلار ھەر قانداق ئادەمگە قارىغاندا ياخشى ئىشلىيەلەيدۇ ۋە رىقابەتلىشەلەيدۇ. بۇ مەسىلىدە ئادالەتسىزلىك يۈز بەرمەكتە. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي ھەر خىل كەسىپتىكى شىركەتلەرگە دۆلەت مەبلىغىنى كىرگۈزدى» دېگەن.

بايدېن خىتاينىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تولۇقلىما پۇلى بىلەن تەمىنلەپ ئىشلەپچىقىرىشى نەتىجىسىدە خەلقئارانىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئارقىدىن خىتاي يەنە مەھسۇلاتلارنى ناھايىتى تۆۋەن باھادا خەلقئارا بازارغا تۆككەنلىكىنى، بۇ قىلمىش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بايدېن يەنە خىتاينىڭ ئالدامچىلىق قىلمىشىنى تەنقىد قىلىپ: «بەزىدە ئۇلار تور جاسۇسلۇقى بىلەن ۋە ئارخىپقا ئېلىنغان، خەلقئارادا تونۇلغان باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا ئوغرىلىق قىلماقتا» دېگەن.

بايدېننىڭ 18 مىليارد دوللارلىق خىتاي ماللىرىغا تاموژنا بېجى كۆپەيتىش پىلانىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئومۇمىي سودا ھەجىمىدىكى تۇتقان ئورنى چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ، ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇشتا تاشقى سودىغا تايىنىدىغان خىتاي ئۈچۈن چوڭ مەسىلە دەپ قارالماقتا.

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى قارارى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زاۋۇت-كارخانىلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيە ساھەلىرىگىمۇ زەربە بېرىشى ئېنىق ئىكەن.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى بايدېننىڭ 18 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي ماللىرىغا تاموژنا بېجى كۆپەيتىش قارارىنىڭ سودا ھەجىمىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنى ئامېرىكىدا تۆكمە قىلىپ سېتىشىنى پۈتۈنلەي توسىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجى قارارى خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كەلكۈندەك ئېقىپ كىرىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئەندىشە قوزغاۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى 2023-يىلى كۈزدە خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىغان. ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېين شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا فىرانسىيەگە قىلغان زىيارىتىنىڭ ئارقىسىدىنلا، ھۆكۈمەت  قوشۇمچە ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ ياۋروپاغا كەلكۈندەك ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «دۇنيا خىتاي ئېشىنچا مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىپ بولالمايدۇ» دېگەنىدى.

يېڭى تاموژنا بېجى پىلانى خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ تۆت ھەسسىدەك كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولىدىغان بولۇپ، خىتاينى ئېھتىياجدىن ئارتۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ دۇنيا ئىقتىسادىغا خەۋپ يەتكۈزۈش بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپتىن كېيىن خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قويغان ئەڭ چوڭ تاموژنا بېجى جازاسى دەپ قارالماقتا ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئەسلىدىنلا كەسكىن بولغان سۈركىلىشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1616 قېتىم كۆرۈلدى
15/05/2024 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق