خىتاي ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنى جازالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى» خىتاي كومپارتىيە مەركىزىنىڭ ئاتالمىش «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ» ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، خىتايغا جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر قورچاق ئەمەلدارمۇ بار ئىكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 28-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۇەنۋۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى» خىتاي كومپارتىيە مەركىزىنىڭ ئاتالمىش «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى»غا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلە ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. بۇنىڭ ئىچىدە قورچاق ئەمەلدارلاردىن قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئىدارە باشلىقى ئادىل يۇنۇس، خوتەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس تۇردىمەمەت غوپۇرمۇ بار ئىكەن.

خەۋەردە قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئىدارە باشلىقى ئادىل يۇنۇسنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش مەسىلىسىنىڭ 2013-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە داۋاملاشقانلىقى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش-مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغات قىلغان ئالىي دەرىجىلىك سوۋغاتلىق بۇيۇم، پۇل قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلغانلىقى، يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغانلىقى بايان قىلىنغان ۋە ئۇنىڭغا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلگەنلىكى، ئۇنىڭ مەسىلىسىنىڭ تەپتىش ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە خوتەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس تۇردىمەمەت غوپۇرنىڭ 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش-مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغات قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم، پۇل قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەقسىز ئارىيەت ئېلىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەنلىكى، شۇنداقلا ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇنىڭغىمۇ پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن مابەينىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خەلققە ئىجرا قىلىپلا قالماي، خىتاي كوممۇنىست رېجىمى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىمۇ زەربە ئوبيېكتى قىلغان. ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تازىلاش»، «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش» دېگەن باھانىلەر بىلەن كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە باستۇرۇپ، تۈرمە ياكى جازا لاگېرلىرىغا سولىغان. بۇ جەرياندا مائارىپ، نەشرىيات، ئاخبارات ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئەڭ ئېغىر زەربە نىشانىغا ئايلانغان، ئارقىدىن باشقا ساھەلەردە خىتايغا جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقان قورچاق ئەمەلدارلارمۇ تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن كۆزدىن يوقىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2346 قېتىم كۆرۈلدى
01/05/2024 16:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق