خىتاي بېيجىڭدا يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ساختا مەيدان ياساپ، چەت ئەل زىيارەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىشنى كۆپەيتىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە يەنە بېيجىڭدا يىغىن تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ 21-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ سارىيى»نىڭ مۇقام زالىدا ئاتالمىش «شىنجاڭغا ئالاقىدار پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى»  ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا 49 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق 21 باش ئەلچىسى ۋە 50 نەچچە دىپلوماتى قاتناشقان.

يىغىنغا خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ رەئىسى قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز،  خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چېن شياۋدۇڭ قاتارلىقلار قاتناشقان.

يىغىندا قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى بۇرمىلاپ تونۇشتۇرۇپ: «شىنجاڭ تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتى كاپالەتلەندۈرۈلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، كۆپ خىل دىنلار ئىناق تەرەققىي قىلماقتا» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي خەۋەرلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، يىغىندا خىتايدا تۇرۇشلۇق بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانا ئەمەلدارى سۆز قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سىيابونگا سىۋېلې سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ماس ھالدا: «2023-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولدۇم. ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ، كۆپ خىللىق ئىچىدە ئىناق ئۆتكەنلىكىنى كۆردۈم» دەپ بىلجىرلىغان.

ئۇندىن باشقا تۈركىيە، قازاقىستان، ئىران، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ماس كېلىدىغان بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش»، «تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش»، «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «قۇرئان كەرىمنى سوتسىيالىزمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ شەرھلەش» دېگەن ناملار ئاستىدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى، تىل-يېزىقىنى، ئەنئەنىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلدى. بۇ جەرياندا ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە زور خىراجەت ئاجرىتىپ، يالغان تەشۋىقاتلار ئارقىلىق، جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1436 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2024 11:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق