خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ قارشىلىشىشى رۇسىيەگە مەركەزلەشتى

خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشى خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم قىلىش ھەرىكىتىگە مەركەزلەشكەن.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 26-ئاپرېل شى جىنپىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەن.

كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى، خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالاش ۋە TikTok نى چەكلەش مەسىلىسى ئىككى تەرەپ سۆھبەت كۈنتەرتىپىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارالغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالاش لايىھەسى تۈزۈۋاتقانلىقى ۋە ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ TikTok نى چەكلەش بۇيرۇقىنى ماقۇللىغانلىقىنى خەۋەر قىلىنغانىدى.

ئەمما بىلىنكېننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە ئۇنىڭ BBC بىلەن ئۆتكۈزگەن زىيارىتىدىن، رۇسىيەنىڭ بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

خىتاي رەسمىي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭ سۆھبەت جەريانىدا: «بۇ يىل خىتاي بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقىنىغا 45 يىل بولدى. بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈردى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىككى دۆلەت رەقىبلەر ئەمەس، بەلكى شېرىك بولۇشى، ئۆزئارا زىيان يەتكۈزمەي، تەڭ نەتىجە قازىنىشى كېرەك...» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بىلىنكېن شى جىنپىڭ بىلەن ئالدىنقى قېتىم كۆرۈشكەندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشى خۇلاسىلەپ: «خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى جىددىي ۋەزىيەت ئىچىدە ئىدى، بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى سان-فىرانسىسكودا كۆرۈشكەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر بولدى» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلېن ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە خىتاينى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلغان. ئامېرىكا خىتايغا دائىم ئالاھىدە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ھەمكارلىق سىگنالى بەرگەن. خىتايمۇ يېقىنقى ئايلاردا تېخىمۇ ئىللىق بولغان تاشقى ئىشلار تەدبىرىنى قوللانغان. ئەمما ئىككى تەرەپ يەنىلا تىركىشىش ھالىتىدە تۇرغان. پەقەت ئۆتكەن بىر ئايدىلا، ئامېرىكا پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن بېجىنى ئاشۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ۋە TikTok نى چەكلەش قاتارلىق خىتاي نارازى بولىدىغان تەدبىرلەرنى قوللانغان. خىتاي بولسا ئاتالمىش «ئىگىلىك ھوقۇقى دەۋاسى»، بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىيات جەھەتتىكى قىزىل سىزىقلىرىنى ھەمىشە ئەسكەرتىپ تۇرغان ۋە ئامېرىكىنى بۇ خىل قىزىل سىزىقتىن ھالقىماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

خارۋارد كېنىدى ئىنستىتۇتىنىڭ ئامېرىكا-ئاسىيا مۇناسىۋىتى پىروفېسسورى رانا مىتتېر BBC غا بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەر ئىككىلىسى جىددىي مۇناسىۋەتنى پەسەيتىش كېرەك، دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككى تەرەپ تەيۋەن ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىلەردە ئوچۇق-ئاشكارا قارشىلاشقان. خىتاي بۇ مەسىلىدە يۇقىرى ئاۋازدا جار سالغان بولسىمۇ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي چېكىنگەندىن بېرى ئىچىل ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنەلمىگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتايدا ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى بارغانچە يۇقىرى بولغان بولۇپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرى داۋاملىق كاساتلاشقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1186 قېتىم كۆرۈلدى
29/04/2024 11:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق