ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنى بىرلىكتە خىتايغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنى بىرلىكتە خىتايغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

يېڭى دەۋر ۋاقتى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 12-نويابىر ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى مەركىزىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات يىغىنىدا ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى جامېس رىسچ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى بىرلىكتە خىتايغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.
ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ پۈتۈنلەي كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خەلقئارادىكى پائالىيەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى، ئامرىكىنىڭ قارشى تۇرۇۋاتقىنىنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي خەلقى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلارغا ئۆز مەيلىچە تەبىر بەرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشتا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جامېس رىسچ يەنە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پەن-تېخنىكا شىركىتى بولغان خۇاۋېينىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 848 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2019 15:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق