خىتاينىڭ ئامېرىكا سودىگەرلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا قارشى تۇنجى تەدبىر

خىتاينىڭ ئامېرىكا سودىگەرلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا قارشى تۇنجى تەدبىر

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزالىرى ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا كارخانىچىلىرىنىڭ پىكىر ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە تەھدىت سالغانلىقىنى تەكشۈرۈش تەكلىپى بېرىلگەن.
خەۋەردە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن كورىي گادنېر (Cory Gardner) بىلەن جېف مېركلېي (Jeff Merkley) مەزكۇر تەكلىپنى بەرگەن بولۇپ، تەكلىپتە ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئورتاق سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، خىتاينىڭ دىپلوماتىك ياكى ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەر بىلەن ئامېرىكا كارخانىچىلىرىنىڭ پىكىر ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشلىرىنى خاتىرىلەش تەلەپ قىلىنغان.
كورى گادنېر مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «بىز يېقىندا ئامېرىكا كارخانىچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىنى خىتاي ئالدىدا تەكشۈرگەنلىكىنى كۆردۇق. بۇ ئىش ئامېرىكىدا زەنجىرسىمان تەسىر قوزغاپلا قالماي، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسىگە پايدا ئېلىپ كەلدى».
مەلۇم بولۇشچە، يېقىندا بىر نەچچە ئامېرىكا شىركىتى مەسئۇللىرى خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن خىتاينى تەنقىدلەشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىنى ئاكتىپ تىلغا ئالالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان.

بۇ خەۋەر 855 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2019 17:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق