قازاقىستاندا خىتايغا قارشى نامايىش قىلغۇچىلار ساقچىلارنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى

قازاقىستاندا خىتايغا قارشى نامايىش قىلغۇچىلار ساقچىلارنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ نۇرسۇلتان، ئالمۇتا قاتارلىق شەھەرلىرىدە تەشكىللەنگەن خىتايغا قارشى نامايىش ساقچىلارنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان.
بۇ قېتىملىق نامايىش خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە ۋە قازاقىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نەزەربايوفقا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نەچچە ئونلىغان كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
قازاقىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نەزەربايوف گەرچە بۇ يىل 3-ئايدا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەتەن نۇرى خەلق دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەپ كەلگەن.
يېقىندىن يىللاردىن بۇيان خىتاي شىركەتلىرى قازاقىستانغا كۆپلەپ كىرىشكە باشلىغان بولۇپ، يەرلىك خەلقنى ئىشلەتمەسلىكى ياكى تۆۋەن مائاش بىلەن ئىشلىتىشى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قازاقلارنىڭمۇ كۆپلەپ قامىلىشى قازاقىستاندىكى خىتايغا قارشى كەيپىياتنى كۈچەيتىۋەتكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ساقچى دائىرىلىرى ھازىرغىچە 57 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، ئۇلارغا جىنايەت بېكىتىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 800 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2019 14:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق