خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىكى تۇتقۇنلارغا يالغان ئارخىپ تۇرغۇزغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىكى تۇتقۇنلارغا يالغان ئارخىپ تۇرغۇزغانلىقى ئاشكارىلاندى
2-سېنتەبىر شەرقىي تۈركىستاندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جازا لاگېرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارغا «مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىغان تېرروچى» دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن يالغان ئارخىپ تۇرغۇزغانلىقى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن «تېخنىك تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارغا «مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىغان تېررورچى» دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن ئارخىپ تۇرغۇزغان.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان مەزگىللەردە ئارخىپ تۇرغۇزماي تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز جازا لاگېرلىرىغا قاماش مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىغان. خىتاي جىنايىتىنىڭ خەلقئاراغا پاش بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ، 2018-يىلىدىن باشلاپ جازا لاگېرىغا قامالغانلارنىڭ ھەممىسىگە «مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىغان تېررورچى» دېگەن تۆھمەت بىلەن ئارخىپ تۇرغۇزغان.

بۇ خەۋەر 1450 قېتىم كۆرۈلدى
04/09/2019 14:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق