خىتاينىڭ تۈرك تاراتقۇلىرى ئارقىلىق تارقاتقان يالغان خەۋەرلىرىنىڭ تەسىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى

خىتاينىڭ تۈرك تاراتقۇلىرى ئارقىلىق تارقاتقان يالغان

خەۋەرلىرىنىڭ تەسىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى

 

پىروفىسور دوكتور سالىھ ئاينۇرال

(تەرجىمە ئەسەر)

(2019-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلىنغان)

 

 

 

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بۇ ۋىدېئونىڭ 36-مىنۇتلۇق يېرىدىن باشلاپ خىتاينىڭ كۆز قارىشى بويىچە چۈشەندۈرۈلىدۇ.

2019-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى كوممۇنىست خىتاي دۆلىتى ئىستانبۇل باش كونسولى سۈي ۋېي تۈركىيەنىڭ بىر تېلېۋىزور قانىلىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىق سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنى قوللاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قانلىق قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى.

ئۇ خىتاينىڭ مەشھۇر «36 تەدبىر» ( 三十六计)ىدىكى 27-ھىيلىسى بولغان «ئەخمەق  (گۇناھسىز) قىياپىتىگە كىرىۋال، نورمال ھەرىكەت قىل» 第二十七计: 假痴不癫)) دېگەن ھىيلىسىنى قوللىنىپ، بەكمۇ بىچارە قىياپەتكە كىرىۋېلىپ تۇرۇپ، گويا ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان تەرەپ ئۇيغۇرلار ئەمەس، خىتاي دائىرىلىرىدەك قىلىپ سۆز قىلدى.

بىزدە «يىگىتنى ئۆلتۈر، ئەمما ھەققىنى يېمە» دەيدىغان بىر ئاتا سۆزى بار. ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، خىتاينىڭ بۇ باش كونسۇلى تۈركچىنى ناھايىتى ياخشى ئۆگىنىپتۇ، تۈرك تىلىنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگىچە ئىگىلىگەنلىكى ئېنىق. ئەمما پەقەت مۇشۇنچىلىكلا.

بۇ يەردىكى ھەقىقەت شۇكى، بۇلبۇلدەك سايراش بىلەن ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدۇ. مەن خىتاي باش كونسۇلىنىڭ سۆزلىرى ئۈستىدە توختالمايمەن، ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قىزىققۇچىلار بولسا «خەلقئارا قانال» (ulusal kanal)نىڭ 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى پىروگراممىسىدىن تاپالايدۇ. مەن بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەقىقەتنى بىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمەن. شۇنداقلا دېمەكچى بولغانلىرىم ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىش ئارقىلىق كۆپچىلىكنى ئاگاھلاندۇرىمەن:

شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئانا يۇرتى، ئاتا زېمىنىدۇر. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىشغالچىدۇر.

خىتاي 1887-يىلى (ئەسلىدە 1884-يىلى) شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسمىنى «شىنجاڭ» (يېڭى زېمىن) دەپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىر ئىشغالچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق قىلىپ ئىپادىلىگەن.

خىتاينىڭ «36 تەدبىر» دېگەن كىتابىدىكى «مېھمان بولۇپ بار، ئۆي ئىگىسى بولۇپ قايت» (三十六计之第三十计:反客为主) دېگەن 30-ھىيلىسى بېشىمىزغا كەلگەنلەرنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئىنسانىيەتنىڭ، شۇنداقلا تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكىدۇر.

ئامېرىكىلىق تارىخچى لېۋىس ھېنرىي مورگان (Lewis Henry Morgan، 1818-1881): «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تارىم ۋادىسىغا كۆمۈلگەندۇر. بۇ ئاچقۇچ تېپىلغان ۋاقىتتا دۇنيانىڭ سىرى ئېچىلىدۇ» دېگەن ئىدى.

تۈرك مىللى مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مىراسلىرى بۇ زېمىنغا مۇجەسسەملەنگەندۇر. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى يوقىتىپ، ئەزان ئاۋازىنى مەڭگۈلۈك جىمىقتۇرۇپ، تامامەن خىتايلاشقان بىر زېمىنغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، بارلىق تۈركىستان زېمىنىنى يۇتۇۋېلىش، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا خوجا بولۇش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، يەنى «بۈيۈك خىتاي چۈشى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇمىيۈزلۈك قانلىق قىرغىنچىلىق قىلماقتا.

 دېمەكچى بولغانلىرىمىزنى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقىمىز:

 1. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى تەن جازاسى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى، ئىسلام  دىنىغا، شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا.

(1) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل كۈچى: تونۇلغان جامائەت ئەربابلىرى، ئاكادېمىكلىرى، ئىسلام ئالىملىرى، سەنئەتچىلەر، تەنھەرىكەت ساھەسىدىكىلەر، ئادۋوكاتلار، بايلار، ھۈنەرۋەنلەر؛

(2) خەلقنىڭ بەل ئومۇرتقىسى: 1980-، 1990-يىللاردىكى مىللىي ئويغىنىش دەۋرىدە ئوقۇش يېشىدا بولغان بارلىق كىشىلەر؛

(3) ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى داۋاملاشتۇرىدىغان يېڭى ئەۋلاد: ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامالغان يۈز مىڭلىغان ئۆسمۈرلەر؛

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، بىر خەلقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، تەرەققىياتىنى ۋە كەلگۈسىسىنى بەرپا قىلىدىغان بارلىق ئامىللارنى «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش، تەربىيە ۋە قايتا ئۆزگەرتىپ تەربىيەلەش مەركىزى» نامى ئاستىدا، جازا لاگېرلىرىدا، «ھۈنەر-كەسىپ مەركىزى» ئىسمى بېرىلگەن شەيتان ئۇۋىلىرىدا يوق قىلماقتا.

2. خىتاي ئۇيغۇر مىللىتىدىن، شۇنداقلا ئىنسانىيەتتىن ئىنتىقام ئالماقتا.

خىتاي بوۋىمىز ئوغۇزخان (مېتەخان)دىن باشلاپ يۈرىكىدە ساقلاپ كەلگەن ھونلارغا قارشى نەپرەت ۋە تۈرك دۈشمەنلىكىنىڭ ئۆچ-ئاداۋىتىنى ئۇيغۇرلاردىن ئالماقتا. سەددىچىن سېپىلى خىتاي ئۈچۈن بىر غۇرۇر ئابىدىسى ئەمەس. ھازىر خىتاي قانات-قۇيرۇقىنى ئوڭشىۋېلىپ، كۈچلىنىپ ياخشى بىر پۇرسەتكە ئېرىشكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، تۈركلەردىن ئالىدىغان تارىخىي ئىنتىقامىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن غالجىرلىق بىلەن قانلىق قىرغىنچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئالماقتا. ۋە بۇ نىيىتىنى پۇرسەتلا تاپسا ئاشكارا ھالدا ئىپادىلەپ كەلمەكتە.

2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىدا خىتاي ئەسكەرلىرى پۇقراچە كىيىنىپ، تامامەن مۇداپىئەسىز ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنى ئوۋلاش ئۈچۈن مىخ قېقىلغان تىكەنلىك كالتەك، تۆمۈر توقماقلارنى كۆتۈرۈشۈپ چىقىپ، ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى تولدۇرۇۋەتتى. ئۇلار نامايىش قىلىپ چىققان گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى يىغىشتۇرۇپ بولغۇچە بولغان جەرياندا، باشتىن ئاخىرغىچە بۇ شوئارنى پەقەتلا ئېغىزلىرىدىن چۈشۈرمىدى: «ئۇيغۇرلار شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان)دىن يوقالسۇن، ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتەيلى» (维吾尔人从新疆滚出去,要把他们拔草除根/ ).

بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئاشخانىسىنىڭ تاملىرىدا «يىگىتلەر قورسىقىمىز ئاچقان ۋاقتىدا ئوغۇز ئەسىرلىرىنىڭ گۆشىنى يەيمىز، كۆڭۈل ئېچىپ ئۇسسىغان ۋاقتىمىزدا ھون قېنى ئىچىمىز» (壮志饥餐胡虏肉,笑谈渴饮匈奴血) دەپ يېزىلغان خەتلەر بار. بۇ خەتتىكى ھونلارنىڭ ئۇيغۇرلار بولۇش بىلەن بىرگە، بارلىق تۈرك مىللەتلىرىنى، ھەتتا ۋېنگىرىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئولتۇرۇشۇم ھەر ھالدا ھاجەتسىز.

3. خىتاي ئاشكارا ھالدا ئىسلام دىنىغا قارشى چىقماقتا، ئىسلامنىڭ مۇقەددەس قانۇن-تۈزۈملىرىنى ئاياغ-ئاستى قىلماقتا. «خىتايغا خاس بولغان ئىسلام» سەپسەتىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئومۇمىيۈزلۈك جازالاش ھەرىكىتى قوزغىغاندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە بىر باشتىن مەسچىتلەرنى چېقىشقا باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا پارىژ شەھىرىدىكى 850 يىللىق تارىخقا ئىگە بۈۋى مەريەم چېركاۋىدىكى ئوت ئاپىتىگە مەركەزلىشىپ قالغان بىر پەيتتە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى 800 يىللىق ھېيتگاھ جامەسىنى چېقىپ يوق قىلدى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قانلىق قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى پەقەتلا بىر باشلىنىشتۇر. خىتاي ھاۋا ئارمىيە گېنىرالى، دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسى كومىسسارى، بۇرۇنقى خىتاي رەئىسىنىڭ كۈيئوغلى ليۇ ياجوۋنىڭ «غەربىي رايون نەزەرىيەسى» (西部论-Çin’in Büyük Türkistan Politikası) ماۋزۇلۇق يازمىسىدىن پەقەت بىر بابنى ئوقۇشلا خىتاينىڭ نىيىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىشكە يېتىدۇ.

«ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىنى ئاساسىي جەھەتتىن قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان ۋە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) قاتارلىق دۆلەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. بايلىق بىلەن تولغان بۇ (ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنى) تەڭرىنىڭ بۈگۈنكى خىتايلارغا سوۋغا قىلغان ئالاھىدە بىر نېمىتىدۇر». (تېمىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇش ئۈچۈن:

 http://www.sinoturknews.org/bati-bolge-teorisi-cinin-buyuk-turkistan-politikasi/)

5. خىتاينىڭ ھەقىقىي نىيىتىنىڭ ئىگىللىگەن دائىرىسى بەكمۇ قورقۇنچلۇق. خىتاي تەرىپىدىن ئېچىلغان بىر يىغىندا ئېكراندا كۆرسىتىلگەن خىتايچە خەتلەردە مۇنداق دەپ يېزىلغان:

«كەلگۈسىدە خىتاي تەرىپىدىن قوزغىلىدىغان ئالتە چوڭ ئۇرۇش:

1. تەيۋەننى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن قوزغىلىدىغان ئۇرۇش: 2020~2025-يىللىرى.

2. جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشى: 2025~2030-يىللىرى.

3. جەنۇبىي تىبەتنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشى.

4. سېنكاكۇ (دىياۋيۈ) ئارىلىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشى: 2035~2040-يىللىرى.

5. تاشقى موڭغۇلىيەنى قوشۇۋېلىش ئۇرۇشى: 2045~2050-يىللىرى.

6. رۇسلارنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشى: 2055~2060-يىللىرى. (خىتايچە يېزىلغان ئەسلى نۇسخىسى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن).

 

خۇلاسە: ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ھون ئۆچمەنلىكى، تۈرك دۈشمەنلىكى، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى قانخورلۇقىنىڭ ئاخىرقى قۇربانلىرى ئەمەس.

شەرقىي تۈركىستان پاجىئەسى تۈرك دۇنياسىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان قارا كۈنلەرنىڭ  باشلانغۇچىدۇر.

شياڭگاڭدىكى خىتايلار: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنى شياڭگاڭنىڭ ئەتىسىدۇر» دەپ شوئار توۋلىدى. بۇ ئەھۋال ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە ئىبرەت ئەمەسمۇ؟

ئۇيغۇرلار يوقالسا تۈركلۈكنىڭ بېلى سۇنىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ غۇرۇرى ئۆلىدۇ. شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە بولۇش، ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسىدۇر.

 

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

http://www.sinoturknews.org/cinin-turk-medyasinda-estirdigi-yalan-ruzgari-ve-dogu-turkistan-gercekleri/

بۇ خەۋەر 5078 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2019 11:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق