خوڭكوڭدا نامايىشچىلارنى باستۇرغان ساقچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەربىيەلەنگەنلىكى ئاشكارىلاندى

خوڭكوڭدا نامايىشچىلارنى باستۇرغان ساقچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەربىيەلەنگەنلىكى ئاشكارىلاندى

13-ئىيۇن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرغان ساقچىلارنىڭ ئەسلى شەرقىي تۈركىستاندا تەربىيەلەنگەنلىكى ئېنىقلانغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ تېررورلۇققا قارشى ئالاھىدە قىسىم ساقچىلىرى بۇ يىل 1-ئايدا شەرقىي تۈركىستاندا ئالاھىدە مەشىقلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، تۈرلۈك ئالاھىدە ئەھۋاللارغا قارشى تەربىيەنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلگەن ئىكەن.
بۇ ئۇچۇر خوڭكوڭلۇق تورداشلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە «شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستاندا) قانچە جازا لاگېرى بار؟» دېگەندەك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان.

مەنبە: https://www.facebook.com/100013441007245/posts/711976122593748/?sfnsn=mo

https://www.facebook.com/hongkongfp/videos/329211884413812/?sfnsn=mo

https://www.facebook.com/100013441007245/posts/711978969260130/?sfnsn=mo

بۇ خەۋەر 5580 قېتىم كۆرۈلدى
14/06/2019 16:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق