شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت تۈركىيەدە تۇنۇلغان ئالىم ۋە دەۋتچى نۇرىددىن نۇرساچاننى زىيارەت قىلدى


17- ماي شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى ۋە تەشۋىقات مەسئۇلى ئابدۇلۋارىس خوتەت ۋە ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇجات قاتارلىق بىر ھەيئەت تۈركىيەدە تۇنۇلغان ئالىم ۋە دەۋتچى نۇرىددىن نۇرساچاننى قانال 7 تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەركىزىدە زىيارەت قىلدى.
زىيارەت جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خىتاي رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇمىيۈزلۈك ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلىرىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، شەرقى تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيتىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ خەۋەر 1314 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2019 17:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق