خىتاي پاكىستان ھۆكۈمىتىگە قارىتا بېسىمنى كۈچەيتتى

خىتاي پاكىستانغا خىتاي ئىشچىلىرى ۋە پاكىستاندىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە بېسىم قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 15-ماي پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسھاق دار بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەن بولۇپ، پاكىستان بىلەن بولغان «تەۋرەنمەس» مۇناسىۋىتىنى ماختىغان. ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ ئىقتىساد ۋە تېررورلۇققا قارشى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىشكەن.

ۋاڭ يى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئىسھاق دار بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا قىلىشقان ۋەدىلىرىنى قايتا تەكىتلىگەن.

ئىسھاق دار سۆھبەتتە: «بىز ئافغانىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىمىز ۋە ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى ئافغانىستان تۇپرىقىدىن پايدىلىنىپ، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان بۇ تەشكىلاتلارغا قارىتا ئىشەنچلىك ۋە دەلىللەشكە بولىدىغان ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

ۋاڭ يى سۆھبەت داۋامىدا پاكىستاننىڭ جىنايەتچىلەرنى قولغا ئېلىش ۋە ئۇلارنى سوتقا تارتىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان. خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ۋاڭ يى: «مەن ئىسلامئابادنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي خادىملىرى، قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا كاپالەت قىلىپ، خىتاي شىركەتلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان بىر ئىنژېنېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش خىتاي ۋە بىر پاكىستانلىق شوپۇر ئۆلگەنىدى.

پاكىستان ئارمىيەسى 26-مارت يۈز بەرگەن مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنى ئافغانىستان پۇقراسىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ۋە ئافغانىستاننى بازا قىلغان تېررورچىلارنىڭ پىلانلىغانلىقىنى دەۋا قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1927 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2024 17:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق