تۈركىيە پۇقراسى دوغان ئەردوغان: ئايالىم ماڭا ياتلىق بولغانلىقى ئۈچۈن جازا لاگېرىغا قامالدى

تۈركىيە پۇقراسى دوغان ئەردوغان: ئايالىم ماڭا ياتلىق بولغانلىقى ئۈچۈن جازا لاگېرىغا قامالدى

دوغان ئەردوغان ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىغا قامالغان ئۇيغۇر ئايالى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇلارنىڭ قۇتۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم سورىدى.
تۈركىيە پۇقراسى بولغان دوغان ئەردوغان ئەپەندى 2013-يىلى تۈنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە بارغان بولۇپ، بىر مەزگىل ئىشلەپ قايتىپ كەتكەن. 2016-يىلى غۇلجىغا بارغان ۋاقتىدا ھازىرقى ئايالى بىلەن توي قىلغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش رۇخسىتى بەرمىگەچكە، ئۈچ ئايدا ياكى ئالتە ئايدا بىر قېتىم تۈركىيەگە قايتىشقا مەجبۇر بولغان.
شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشغا ئەگىشىپ، دوغان ئەپەندىنىڭ قېيىن ئاتىسى تۇرسۇن ئەمەت قىزىنى بىر تۈرككە ياتلىق قىلغانلىقى ۋە 18 يىل بۇرۇن ئوقۇغان بىر شېئىرى سەۋەبلىك لاگېرغا قامالغان. دوغان ئەپەندىنىڭ ئايالىنىڭ سىڭلىسىمۇ دادىسى بىلەن ئوخشاشلا بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان لاگېرغا قامالغان.
دوغان ئەپەندىنىڭ ئايالى يېقىندا لاگېرغا سولانغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر يېرىم ياشلىق بالىسى كېسەلچان ئانىسىغا قېلىپ قالغان. دوغان ئەپەندى خىتاي ئەلچىخانىلىرى بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىش تەلىپىمۇ رەت قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 605 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2019 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق