زۇمرەت داۋۇت ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى يىغىنىدا جازا لاگېرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى
24-سېنتەبىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ب د ت بىناسىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرغان.
بۇ يىغىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەر ب د ت نىڭ 74-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىۋاتقان بىر پەيتتە تەشكىللەنگەن بولۇپ، يىغىننى كانادا، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قوللىغان.
يىغىنغا ب د ت غا ئەزا 30 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى، مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.
يىغىندا دوكتور رىشات ئابباس، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ۋە جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان زۇمرەت داۋۇت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تونۇشتۇرغان.
يىغىنغا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سوللىۋېن قاتناشقان بولۇپ، ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىگەن. ئۇ نۇتۇقىدا يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشقا ياردەمدە بولغان دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، ئوخشىمىغان مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ھازىر بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقى ۋە تۇتقۇنلارغا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قوپال مۇئامىلە ۋە ئىسكەنجە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇھىم ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى، خىتاي بۇ ئورۇنلارنى «كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش ئورنى» دېسىمۇ، ئەمما پاكىتلارنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ يىللاردىن بېرى ناچارلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ قاتتىق بېسىم ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، خىتاينىڭ سىستېمىلىق بېسىم سىياسىتىنىڭ تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
جون سوللۋېن سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ بېسىمىنى توختىتىش ئۈچۈن دۇنيانى ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ب د ت ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ئورگانلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىلەردە ئېھتىياتچان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئاقلىشىغا يانتاياق بولۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى، ب د ت نىڭ قۇرۇلۇش مەقسەتلىرىدىن بىرى ھەممە كىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى، ب د ت نى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جون سوللىۋېن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بىر قاتاردا تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارغا قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، بىرلىكتە ھەرىكەت قوللىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
يىغىندا سۆز قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بىروۋنبەك ئالدى بىلەن 2017-يىلى 4-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا جازا لاگېرىدا يېتىپ چىققان شاھىت زۇمرەت داۋۇتنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنى سۆرگە تەكلىپ قىلغان.
زۇمرەت داۋۇت ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىزلا تۇتقۇن قىلىنىپ، 24 سائەت سوراق قىلىنغاندىن كېيىن جازا لاگېرىغا قاماپ قويۇلغانلىقىنى، جازا لاگېرىدا ئاغرىق بىر ئايالغا ئۆزى يەيدىغان ھورناننى بەرگەنلىكى ئۈچۈن گۇندىپايلارنىڭ ئۇنى كالتەك بىلەن ئۇرغانلىقىنى، تاياققا چىدىماي ئېغىزىدىن «يائاللاھ» دېگەن سۆز چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۈچ كۈن تاماق بەرمەي قىينىغانلىقىنى، گۇندىپاينىڭ ئۇنىڭغا: «ئاللاھىڭ بولسا سېنى بىزدىن قۇتۇلدۇرۇپ باقسۇن» دېگەن سۆزلەرنى قىلىپ ئۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
يىغىندا يەنە دوكتور رىشات ئابباس شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇمدا ئىڭراۋاتقان ئائىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئادۋوكات نۇرى تۈركەلمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، تارىخىي يىلتىزى ۋە مەدەنىيەت ئىزنالىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىنىش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى، ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن جىددىي ئىكەنلىكىنى، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنى خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە:https://www.facebook.com/StateDRL/videos/389979485026652/