ئامېرىكا سودا مىنىسىتىرى: تۈركىيە شىركەتلىرى خىتاي شىركەتلىرىگە قارىغاندا ئامېرىكىغا تېخىمۇ پايدىلىق

ئامېرىكا سودا مىنىسىتىرى: تۈركىيە شىركەتلىرى خىتاي شىركەتلىرىگە قارىغاندا ئامېرىكىغا تېخىمۇ پايدىلىق

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋەرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە سودا مىنىستىرى رۇخسار پەكجان تۈنۈگۈن ئەنقەردىكى باياناتىدا ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ تۈركىيەنى ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رۇخسار پەكجان تۈنۈگۈن ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روس بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا مۇخبىرلارغا ئىپادە بىلدۈرۈپ، سودا ئۇرۇشىنىڭ تۈركىيەنى تۈرلۈك ساھەلەردىكى سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، ئامېرىكىنى مال بىلەن تەمىنلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا بىلەن بولغان يىللىق سودا سوممىسىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشكە كۆزى يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋىلبۇر رۇسمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ھازىر ئامېرىكا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە قارىغاندا ئامېرىكىغا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە 1700دىن ئارتۇق شىركىتى بار ئىكەن. ئىككى دۆلەتنىڭ 2018-يىللىق ئومۇمىي سودا سوممىسى 20.6 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 8.3 مىليارد دوللار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 892 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2019 13:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق