ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىردى

ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارك پومپېيو خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق نىزامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مارك پومپېيو تىۋىتتېردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە قايتا توختالغان بولۇپ، ئۇ يازمىسىدا: «شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان)دا ئۇيغۇلارغا قارىتىلغان كوللىكتىپ تۇتقۇن قىلىش ۋە يوقاپ كېتىش ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار ئىشەنچلىك دوكلاتلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ كېلىۋاتىمىز. خىتاينىڭ خەلقئارا نىزاملارغا ۋە ئۆز قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بۇ سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا قايتىدىن چاقىرىق قىلىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1295 قېتىم كۆرۈلدى
01/09/2019 08:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق