خاككېرلار جازا لاگېرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتى


خاككېرلار جازا لاگېرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتى

-19فېۋرال گوللاندىيە رادىيوسى 1-قانىلى چەتئەل بۆلۈمى vpro پىروگرامما قانىلىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 2 مىليون 500 مىڭ ئۇيغۇرنى تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن.
رادىيو پىروگراممىسىدا گوللاندىيە خاككېرلىرى ۋە تۈر مۇتەخەسسسى فىكتور خېفېرىس خىتاينىڭ 2 مىليون 500 مىڭ ئۇيغۇرنى تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بايقىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. 
گوللاندىيە خاككېرلىرى ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاپ، مەزكۇر ئۇچۇرنى خىتاينىڭ تور-تېلېگراف كونترول مەركىزىگە سوقۇنۇپ كىرىپ، تورلاشقان ئۇچۇر، مەلۇماتلاردىن سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بايقىغانلىقىنى، بۇ مەلۇماتلاردا تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئولتۇرۇشلۇق ئادرېسى، پاسپورت نومۇرى قاتارلىقلار بار ئىكەنلىكىنى، ئىسىملارنىڭ ئاساسەن ئىسلامىي ئىسىملار ئىكەنلىكىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ GPS ۋە چىراي تونۇش سىستېمىسى بىلەن خىتاينىڭ شىنجىن تور-تېلېگراف شىركىتىگە باغلانغانلىقىنى، مەزكۇر ئىسىملارنىڭ يەنە مەسجىد، مېھمانخانىلاردا، ساقچى تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى ۋە ئاشخانىلاردا ئېسىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خېفېرىس يەنە، بىر خىل جەدۋەل بايقىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر قىسىم كىشىلەرگە «خەتەرلىك» دەپ بەلگە سېلىنغانلىقىنى، چىراي تونۇش سىستېمىسى ئۇلارنى بايقىغان ھامان، توۋلاپ سىگنال بېرىشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 20949 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2019 19:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق