سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن مەخپىي سۆھبەتلىشىپ كەلگەنلىكىنى دەلىللىدى

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ئەمەلدارى ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن مەخپىي سۆھبەتلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى رەسمىي دەلىللىدى.

ھىندىستاننىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى «WION»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ئەمەلدارى پېنپا تسېرىڭ خىتاي بىلەن سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مەخپىي تەرىقىدە سۆھبەتلىشىپ كەلگەنلىكىنى دەلىللىگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 26-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، پېنپا تسېرىڭ بۇ ھەقتە تەكىتلەپ: «بىز دالاي لاما ئوتتۇرىغا قويغان، كۆپ ساندىكى تىبەتلەرنىڭ قوللىشى ئېرىشكەن ۋە سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنتى ماقۇللىغان ئوتتۇرھال يول سىياسىتى ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشىمىز كېرەك» دېگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، دالاي لاما ئوتتۇرىغا قويغان ئوتتۇرھال يول بولسا، خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈمى رامكىسىدا تىبەت ئۈچۈن ھەقىقىي مەنىدىكى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش ئىكەن.

ئەمما پېنپا تسېرىڭ ئۆزىنىڭ سۆھبەتكە بولغان ئۈمىدىنىڭ سۇسلاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىز ئۇلار بىلەن ئۇچراشماقتىمىز. لېكىن بۇ ھەقتە تولۇق ئۈمىدۋار ئەمەسمىز» دېگەن. بۇ خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە سۆھبەتنىڭ تارىخى 2002-يىلىغىچە بارىدىغان بولۇپ، 2010-يىلىغىچە جەمئىي توققۇز قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن. 2008-يىلى سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى گەرچە خىتايدىن ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەكلىپ خىتاي تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرى نورزىن دولما مەخپىي كۆرۈش يوللىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ: «خىتاي بىلەن مەخپىي كۆرۈشىدىغان ئالاقە يولى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ بارلىقى راست. ئەمما بىز بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ماھىيەتلىك ۋە كونكرېت نەتىجىلىرىدىن قانچىلىك ئۈمىد كۈتەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمەن» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 26-ئاپرېل بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز، بۆلگۈنچى تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ سۆھبەتلىشىشتىكى پىرىنسىپى بولسا پەقەت دالاي لامانىڭ شەخسىي ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتلىشىش، شۇنداقلا سۆھبەت جەريانىدا تىبەت مەسىلىسىنى ئەمەس، بەلكى دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ شەخسىي كېلەچىكىنىلا مۇزاكىرە قىلىش ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1643 قېتىم كۆرۈلدى
27/04/2024 14:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق